قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تۆت تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى تۆت تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
2100868
![قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تۆت تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/9312/1c9e/f243/6593b8600c145.jpg?time=1722046647)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تۆت تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا: «سۈرىيەنىڭ شىمالىنى قانغا بوياش شۇنداقلا رايون خەلقىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن باشقا مەقسىتى بولمىغان پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىمىز داۋاملاشماقتا. تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى تۆت تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى» دېيىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى قىسقارتىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/a855/5519/9bde/638da0d999ce9.jpg?time=1722046647)
ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى قىسقارتىلدى
ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى بىر سائەت قىسقارتىلدى.