ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونىدىكى قوراللىق ھۇجۇم قاتتىق ئەيىبلەندى

ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك تۇتۇش ھەرىكىتى باشلاندى.

2100553
ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونىدىكى قوراللىق ھۇجۇم قاتتىق ئەيىبلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ شەھەر باشلىقى نامزاتى ئەزىز يەنىئاي ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونىدا سايلام سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان پەيتتە، مىلتىق ۋە تاپانچا بىلەن ئۇنۇڭغا قارىتىپ ئوق چىقىرىلدى.

بىر كىشى ئېغىر يارىلانغان ھۇجۇمدىن كېيىن، ساقچى ئەترەتلىرى ۋەقەگە قاتناشقان كىشىلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدىكى ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك يازمىسىدا قوراللىق ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ: «سايلام خىزمەتلىرى جەريانىنىڭ ساغلام ۋە دېموكراتىيەمىزگە يارىشىملىق شەكىلدە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ھەزىم قىلالمىغانلارنىڭ بۇ خىزمەت جەريانىنى زەھەرلەشكە ئۇرۇنۇشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز. دېموكراتىيەمىز، ئىتتىپاقلىقىمىز ۋە باراۋەرلىكىمىزگە قەست قىلغان ھەر قانداق ھۇجۇم مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ» دېدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇشمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ: «دېموكراتىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان ئەركىن سايلام مۇھىتىدا، ئېتىلغان ھەر بىر پاي ئوق، مىللىي ئىرادىگە قارشى بىر ھەرىكەتتۇر» دېدى.

دېموكراتىيەنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ھەر قانداق ھەرىكەتنىڭ ھەرگىز مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن نۇمان قۇرتۇلمۇش: «(ھۇجۇم قىلغۇچىلار) ئىتتىپاقلىقىمىزغا ۋە قېرىنداشلىقىمىزغا ھەرگىز زىيان سالالمايدۇ» دېدى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋەت يىلمازمۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر