ئالپەر گەزەرئاۋجى ئامېرىكادا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجى ئامېرىكانىڭ ھوستون ئىشتاتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
![ئالپەر گەزەرئاۋجى ئامېرىكادا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/215b/429f/7225/65c7886cd7cf2.jpg?time=1718383660)
![alper gezeravci ailesi.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/d243/eb75/43f4/65c7888cc1ca4.jpg?time=1718383660)
![alper gezeravci ailesi.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/215b/429f/7225/65c7886cd7cf2.jpg?time=1718383660)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاچىر X ھېساباتىدىكى ئۇچۇرىدا، تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقتىدىكى سىننى ھەمبەھىرلىدى.
ئالپەر گەزەرئاۋجى قاتارلىق Ax-3 گۇرۇپپىسىنى ئېلىپ ماڭغان ئەجدىھا كاپسۇلى 18 - يانۋار ئامېرىكا ۋاقتى 16:49 دە ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) نىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى كېننىدى ئالەم قاتنىشى مەركىزىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.
تەخمىنەن 36 سائەت داۋاملاشقان يولۇچىلىقتىن كېيىن Ax-3 ئەترىتى 20-يانۋاردا خەلقئارا ئالەم پونكىتى (ISS) غا يېتىپ بارغان ئىدى.
ئالەم قاتنىشى شىركىتى SpaceX غا تەۋە ئەجدىھا ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش سەپىرى بولسا، 47 سائەت داۋاملاشقان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718383661)
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.