ئەردوغان 6-فېۋرال يەر تەۋرەش ۋەقەسىنىڭ خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 6-فېۋرال قاھرامانماراشتا يۈز بېرىپ، 11 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن شىددەتلىك يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئازابىنىڭ تۇنجى كۈندىكىدەكلا يېڭى بولۇپ، قەلبلەرنى پۇچۇلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2098336
ئەردوغان 6-فېۋرال يەر تەۋرەش ۋەقەسىنىڭ خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان 53 مىڭ 537 كىشىنىڭ ھەر بىرىگە ئاللاھتىن رەھىم-شەپقەت تىلىدى ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى ھەمدە تۈرك خەلقىدىن ھال سورىدى.

ئۇ تېلېگراممىسىدا: «ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئولتۇراق رايونلىرى قاتارىدىكى 11 ۋىلايىتىمىزدە يۈز بەرگەن ۋەيرانچىلىق ھەقىقەتەن ئېغىر بولدى. بۇنداق چوڭ ئاپەت ۋە ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلەر خەلقلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمدەملىكى ۋە قېرىنداشلىق كۈچى سىنىلىدىغان بۇرۇلۇش نۇقتىلىرى ھېسابلىنىدۇ.

خۇداغا شۈكرى، خەلقىمىز بۇ ئازابلىق تارىخىي سىناقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى. دۆلىتىمىز بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى دەرھال سەپەرۋەر قىلدى، تۈركىيە بىر قەلب ۋە بىر بىلەككە ئايلاندى، خەلقىمىز يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىغا ياردەم قىلىشقا ئاتلىنىپ، ئەسىرنىڭ ئاپىتى جەريانىدا، ئەسىرنىڭ قېرىنداشلىقىنى نامايان قىلدى.

بىز يەرلىككە قويغان مېيىتلىرىمىزنى فاتىھەلەر، دۇئالار ۋە قايغۇ-ھەسرەت بىلەن خاتىرىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقىمىزگە بەرگەن ۋەدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىۋاتىمىز.

بىز بۇ خىزمەتلىرىمىزنى شەھەرلىرىمىزنى قايتا قۇرۇپ گۈللەندۈرۈپ، ئۆيى ۋەيران بولغان ياكى ئىشلىتىشكە بولمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى پۇقرامىزنى بىخەتەر ئۆيگە ئىگە قىلغۇچە داۋاملاشتۇرىمىز. رەببىمىز دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنى قايتىدىن بۇنداق ئاپەتلەرگە دۇچار قىلمىسۇن، بىزنى بۇنداق سىناقلارغا دۇچار قىلمىسۇن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر