ئالپەر گەزەرئاۋجىنىڭ يەرشارىغا قايتىشى يەنە بىر قېتىم كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەجدىرھا ئالەم كېمىسى ۋە خادىملىرىنىڭ يەرشارىغا قايتىشى يەنە بىر قېتىم كېچىكتۈرۈلدى.

2097213
ئالپەر گەزەرئاۋجىنىڭ يەرشارىغا قايتىشى يەنە بىر قېتىم كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: SpaceX شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، فلورىدا ساھىللىرىدىكى ناچار ھاۋارايى شارائىتىنىڭ قايتىشقا مۇۋاپىق ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئەجدىرھا كاپسۇلىنىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىن ئايرىلىشى ئۈچۈن ئەڭ بالدۇر بولغاندا 6 - فېۋرال سەيشەنبە كۈنىنىڭ پىلانلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاچىر بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن يەنە بىر ئاز ساقلايدىغان بولدۇق» دېدى.

ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجى ۋە ئەترىتىنىڭ دۇنياغا قايتىش سەپىرىنىڭ تەخمىنەن 13 سائەت داۋاملىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئەترەتنى ئېلىپ ماڭغان كاپسۇل ئاتلانتىك ئوكيان ۋە غەربىي مېكسىكا قولتۇقىغا جايلاشقان 7 نۇقتىدىن بىرىگە قونىدۇ.

كاپسۇل سۇغا چۈشكەندىن كېيىن، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى پاراخوتقا ئېلىنىپ، تۇنجى تەكشۈرۈشلىرى شۇ يەردە باشلىنىدۇ.

ئەترەت تىك ئۇچار بىلەن پاراخوتتىن ئايرودرومغا، ئاندىن ئايروپىلان بىلەن ھوستونغا ئېلىپ كېلىنىدۇ.

ئايروپىلاندىكى دوختۇرلارمۇ بۇ ئۇچۇش جەريانىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا قارىتا ئومۇمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ھوستوندا ساغلاملىق تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، بىر مەزگىل كارانتىنادا قالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر