ئەردوغان: تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىنى يوقىتىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردۈم

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بىخەتەرلىك تارماقلىرىمىزغا كىمنىڭ قوللىشىدىن، قايسى جايدا بولۇشىدىن، پەردە ئارقىسىدا كىمنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بايقىغان تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىنى يوقىتىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردۈم» دېدى.

2089537
ئەردوغان: تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىنى يوقىتىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردۈم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كابېنت يىغىنىدىن كېيىن مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تېررورلۇقنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ، بولۇپمۇ رايوندا «تېررورىستان» قۇرۇش پىلانى تۈزگەنلەرنى بىئارام قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك  ك غا قورال-ياراغ، ئوق-دورا، تەربىيەلەش ۋە ھىمايە ياردىمى قىلىپ، كۈچلەندۈرۈشكە ئۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ سۈرئىتى تېزلەشتى.»

ئۇ چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ تۈركىيەنى قانۇنسىز كۆچ دولقۇنى ئارقىلىق ئىچكى قالايمىقانچىلىققا سۆرەش قىلتىقىنىمۇ مەغلۇب قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: « بىخەتەرلىك تارماقلىرىمىزغا كىمنىڭ قوللىشىدىن، قايسى جايدا بولۇشىدىن، پەردە ئارقىسىدا كىمنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بايقىغان تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىنى يوقىتىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردۈم. ئىمپېرىيالىستلارنىڭ ئىراق بىلەن سۈرىيەدە <تېررورىستان> قۇرۇش پىلانى بار بولغان ئەھۋالدا ھېچبىرىمىز ئۆزىمىزنى بىخەتەر ھېس قىلالمايمىز. كېيىنكى ئايلاردا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە كىمنىڭ نېمە دېيىشىدىن، قانداق تەھدىتلەرنى سېلىشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم يېڭى قەدەملەرنى باسىمىز. تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدىغان شىمالىي ئىراق تاغلىرىنىڭ ھەر بىر نۇقتىلىرىنى بىخەتەر ھالغا كەلتۈرگىچە رايوندىكى ھەرىكەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر