مىللىي ئىستىخابارات ئىدارىسى تېررورچى فائىق ئايدىننى ئۇجۇقتۇردى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك غا ياۋروپادىن ئادەم توپلىغان «رەناس رافەرىن» كود ئىسىملىك «فائىق ئايدىن» ئىراقتا ئۇجۇقتۇرۇلدى.

2088229
مىللىي ئىستىخابارات ئىدارىسى تېررورچى فائىق ئايدىننى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان تېررورچى فائىق ئايدىننىڭ ياۋروپادا تېررورلۇق تەشكىلاتى نامىدىن ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى، ئىراققا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، سۇلايمانىيەدىكى يەرلىك ئاھالىگە بېسىم ئىشلىتىپ، تەشكىلاتقا قاتنىشىش ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە مەجبۇرلىغانلىقى ئېنىقلاندى.

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تېررورلۇق تەشكىلاتى سېپىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقان تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلدى ۋە رايوندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خادىملىرى ئارقىلىق تېررورچىنىڭ ئىراقنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا 160 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر يېرىگە يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، نۇقتىلىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ ئۇجۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر