مىڭلارچە كىشى سارقامىش شېھىتلىرىنى خاتىرىلىدى
سارقامىش ناھىيەسىدە سارقامىش ھەرىكىتىنىڭ 109 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
2085290
![مىڭلارچە كىشى سارقامىش شېھىتلىرىنى خاتىرىلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/347f/e21d/ce7b/659a70212d502.jpg?time=1722043898)
![sarikamis harekati yuruyus1.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/36dd/8460/b91b/659a703895dcb.jpg?time=1722043898)
![sarikamis harekati yuruyus.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/347f/e21d/ce7b/659a70212d502.jpg?time=1722043898)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنۋەر پاشا قوماندانلىقىدىكى ئوسمانلى قوشۇنىنىڭ 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە رۇسىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش مەقسىتىدە باشلىغان سارقامىش ھەرىكىتىنىڭ 109 – خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتكە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى ئوسمان ئاشكىن باك، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مىنىستىرى ماھىنۇر ئۆزدەمىر گۆكتاش، قارس ۋالىيسى ۋە شەھەرنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زىيا پولات قاتارلىق نۇرغۇن سىياسەتچى ۋە بيۇروكراتلار قاتناشتى.
دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن قېرى – ياش نۇرغۇن كىشى سوغۇق ھاۋارايىغا قارىماي، سەھەردىلا سوغا(ئا)نلى بىلەن ئاللاھۇئەكبەر تاغلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قىزىلچۇبۇك چوققىسىدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، «بۇ زېمىندا ئىزىڭلار بار»، «تۈركىيە شېھىتلىرى بىلەن بىرلىكتە يۈرىمەكتە» تېمىلىق پائالىيەتكە قاتناشتى.
تۈركىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىشقان مىڭلارچە كىشى بۇ يەردە قۇرئان كەرىمنى ئوقۇدى، تەكبىر ۋە سالاۋاتلارنى ئېيتىپ شېھىتلەرگە دۇئا قىلدى، ئاندىن ئۇزۇلۇقى 100 مېتىر كېلىدىغان تۈركىيە بايرىقىنى كۆتۈرگەن ئاي-يۇلتۇزلۇق مۇراسىم رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى قىسقارتىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/a855/5519/9bde/638da0d999ce9.jpg?time=1722043899)
ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى قىسقارتىلدى
ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى بىر سائەت قىسقارتىلدى.