تۈركىيە ئىراندا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ۋەقەرلىرىنى ئەيىبلىدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، كىرماندا ئېلىپ بېرىلغان تېرورلۇق ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە نۇرغۇن كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەردار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2083972
تۈركىيە ئىراندا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ۋەقەرلىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا: «بىز بۇ قەبىھ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەڭ كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش ئىران خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز. ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق تىلەيمىز» دېيىلدى.

ئىراننىڭ كىرمان ئۆلكىسىدە، سابىق ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق قىسىملىرى قوماندانى قاسىم سۇلايمانىنىڭ قەبرىسىگە يېقىن جايدا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق پارتلاشتا 95 كىشى قازا قىلغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر