ئەردوغان ئەسكەرلەرنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان (مەھمەتچى) ئەسكەرلەرنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى.

2082632
ئەردوغان ئەسكەرلەرنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ كىلىستا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر  بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ يەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ يېڭى يىلىنى ياشار گۈلەر  ئارقىلىق تەبرىكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەردوغان: «سۈرىيە چېگراسىدىكى بۇ كۈرەشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز ۋە ئۇ يەرلەردە ئېلىپ بارغان قەھرىمانلارچە كۈرەشلىرىمىز بىزنىڭ ھەر ۋاقىت بىخەتەر ئىكەنلىكىمىزنىڭ ئىپادىسىدۇر» دېدى ھەمدە شېھىتلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت، غازىلارغا شىپالىق تىلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى:

«بىزنىڭ 2023-يىلىنى قايسى ھالدا ئارقىدا قالدۇرغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك. ئەمما ئۈمىت قىلىمەنكى، بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا قەھرىمانلىرىمىز بىلەن بىرگە بىخەتەرلىك ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە بولىمىز. ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن يولىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. مەن بارلىق ئەسكەر، ئوفېتسىر ۋە قوماندانلىرىمىزنىڭ كۆزلىرىگە سۆيىمەن. 2024-يىلىنىڭ خەيىرلىكلەرگە ۋەسىلە بولىشىنى ئاللاھتىن تىلەيمەن، سىلەرگە سالام، سۆيگۈ ۋە ھۆرمەتلىرىمنى يوللايمەن»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر