ئەردوغان 10 – نۆۋەتلىك «2023 نەجىپ فازىل مۇكاپاتى » غا ئېرىشكۈچىلەرنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ يىل 10 – نۆۋەتلىك «2023 نەجىپ فازىل مۇكاپاتى » غا ئېرىشكۈچىلەرنى ۋە بۇ مۇراسىمنى تەشكىللىگۈچىلەرنى تەبرىكلىدى.

2082520
ئەردوغان 10 – نۆۋەتلىك «2023 نەجىپ فازىل مۇكاپاتى » غا ئېرىشكۈچىلەرنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «بىز نەجىپ فازىل مۇكاپاتىنى تەقدىم قىلغان ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت تەتقىقاتچىلىرىنى تەبرىكلەيمەن، ئۆزۈم، ۋەتىنىم ۋە مىللىتىمگە ۋاكالىتەن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.

ئەردوغان: «يېڭىدىن يېتىشكەن ياشلىرىمىزنىڭ ئۇستازلىرىدىن تاپشۇرۇپ ئالغان ئامانەتنى ھەققىگە يارىشا يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىغا شۇنداقلا كېيىنكىلەرگە ئەڭ گۈزەل شەكىلدە تاپشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئەردوغان نەجىپ فازىل مۇكاپاتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ مۇكاپاتلار پەقەت ئۇلۇغ شائىرىمىزغا بولغان ساداقەتنىڭ بورچىلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تۈركىيەنىڭ قىممەت قارىشلىرىغىمۇ ئىگە چىققانلىقتۇر» دېدى.

ئەردوغان يەنە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ غايەت زور نوپۇس بايلىقى ئارىسىدىن ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ بېكىتىلگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر