دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: 2201 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، 81 نەپىرى يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە بولۇپ، يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار سانىنىڭ 2201 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2081887
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: 2201 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تاراتقۇلارنى ۋاقىپلاندۇرۇش ھەپتىلىك يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق نىشانلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئاتالمىش تېررورچىلار كاتتىباشلىرىمۇ بار بولغان ئۆڭكۈر، پاناھلىنىش ئورنى، نېفىت ئىسكىلاتى ۋە ئامبارلاردىن تەشكىل تاپقان 71 ئورۇنغا زەربە بېرىلىپ، 59 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

شۇنداق قىلىپ، بۇ بىر يىل ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارسانى 2201 گە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر