ئەردوغان مەھمەت ئاكىف ئەرسوينى خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى

ئەردوغان ئۆزلىرىنىڭ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىدىغان گاچا شەيتانلاردىن بولمايدىغانلىقلىرىنى، غەززە قاتارلىق بارلىق جايلاردىكى ئۆلتۈرۈلگەن، سۆمۈرۈلگەن ۋە ئېزىلگەن كىشىلەر ئۈچۈن، ھەقىقەت ۋە ھەققانىيلار تەرەپتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

2080709
ئەردوغان مەھمەت ئاكىف ئەرسوينى خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىستىقلال (مۇستەقىللىق) شائىرى مەھمەت ئاكىف ئەرسوينى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىكى سۆزى جەريانىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززەدىكى ۋەھشىيلىكىگە «توختا دەڭلار» دېگەن شوئارى ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ياشلارنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى.

ئۇ ئۆزلىرىنىڭ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىدىغان گاچا شەيتانلاردىن بولمايدىغانلىقلىرىنى، غەززە قاتارلىق بارلىق جايلاردىكى ئۆلتۈرۈلگەن، سۆمۈرۈلگەن (ئېكسپلاتاتسىيە قىلىنغان) ۋە ئېزىلگەن كىشىلەر ئۈچۈن، ھەقىقەت ۋە ھەققانىيلار تەرەپتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى توغرىسىدىمۇ توختالغان ئەردوغان: «ھەممە شۇنىڭغا ئىشىنىشى كېرەككى، مۇستەقىللىقىمىزغا قارىتىلغان ھۇجۇملار داۋاملىشىدىغانلا بولسا، بىزمۇ كەلگۈسىمىزنى قوغداش كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ سۆزى جەريانىدا يەنە، ئىتتىپاقلىق ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئەھمىيتىنى تەكىتلەپ: «تۈركىيە بىزنىڭ ئورتاق ۋەتىنىمىز، ئورتاق ئۆگزىمىز. بىز ھەممىمىز بىرمىز، قېرىنداشمىز، باراۋەرمىز. تۈركىيەنىڭ كورد، سۈننىي ۋە ئالەۋىيلەردىن تەركىب تاپقان 85 مىليون نوپۇسى بىر گىلەمنىڭ گۈللىرىگە ئوخشايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر