ئەردوغان: «زالىم ئىسرائىلىيەنىڭ قىرغىنچىلىقىنى توسىدىغان كۈنلرىمىزگە ئاز قالدى»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان زالىم ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدىكى داۋاملاشتۇرىۋاتقان قىرغىنچىلىقى ۋە قۇددۇستىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان كۈنلەرنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

2077404
ئەردوغان: «زالىم ئىسرائىلىيەنىڭ قىرغىنچىلىقىنى توسىدىغان كۈنلرىمىزگە ئاز قالدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «بىلىم تارقىتىش مۇكاپاتى» مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، پەلەستىندە 1947-يىلدىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ۋە تۈركىيە يېقىنقى ئۆتمۈشتە باشتىن كەچۈرگەن سەلبىيلىكلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئەردوغان: «1947-يىلىدىكى پەلەستىننى ئويلىنىپ بېقىڭلار ۋە ھازىرقى پەلەستىننى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار. قەيەردىن قەيەرگە كەلدى؟ قانداق ئېكسپالاتاتسىيە قىلىندى؟ دۇنيا زىئونىزمى پەلەستىندە يۈز بەرگەن ئىشلارنى، بۇ مۇستەملىكىنى، بۇ چېگرالارنى قانداق بەلگىلىگەن بولسا، ھازىر بۇنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىتىشكە ئۇرۇنماقتا» دېدى ۋە تۈركىيەنىڭ ئەمدىلىكتە 20 ياكى 40 يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، دېموكراتىيە، بىخەتەرلىك، ئىقتىساد، مۇداپىئە ۋە دىپلوماتىيەسى بىلەن تېخىمۇ ئەركىن، كەلگۈسىگە تېخىمۇ ئىشەنچ بىلەن قارايالايدىغان ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۈمىتلىرىنى تۈركىيەگە باغلىغانلارنىڭمۇ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئەمدىلىكتە ئىسلام دۇنياسىدا ۋە تۈرك دۇنياسىدا ئۆتمۈشكە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئوخشىمايدىغان، تېخىمۇ ئىجابىي ۋە تېخىمۇ جاسارەتلىك بىر كەيپىيات بار. قاراباغنىڭ ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلۇشى بۇ كەيپىياتنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. زالىم ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدىن ئالغان ياردەم  بىلەن داۋاملاشتۇرىۋاتقان غەززەدىكى قىرغىنچىلىقلىرىنىڭ ۋە قۇددۇستىكى  تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان كۈنلىرىمىز ئەنسىرىمەڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن يېقىنلىشىپ قالدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر