ئەردوغان: ئىسرائىلىيە يالغۇزلىشىشقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئىسرائىلىيە يالغۇزلىشىشقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ» دېدى.

2077171
ئەردوغان: ئىسرائىلىيە يالغۇزلىشىشقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدا بايانات بېرىپ: «ئىسرائىلىيەدىن ياخشى نىيەت كۈتۈشنى قويۇپ، دۇنيانىڭ ئىسرائىلىيەگە قانداق قارايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك... بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار؛ دەسلەپتە 121 دۆلەت ئىسرائىلىيەگە قارشى چىقىپ، بىز بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلدى. 40 دۆلەت بىتەرەپ قالدى، 10 دۆلەت ئىسرائىلىيە تەرەپتە تۇردى. ئەمدىلىكتە، ئەھۋال ئۆزگەردى. ئىسرائىلىيە ھازىر يالغۇزلىشىشقا قاراپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ يالغۇزلۇقى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن (14-دېكابىر) ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا توختىلىپ: «سىلەرگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، تۈنۈگۈن كەچتە بايدىن بىلەن تەپسىلىي سۆھبەتلەشتۇق، بۇ سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق تېمىسىنى F-16 بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئىگىلىدى. بايدىن F-16 مەسىلىسىگە ئۆزىنىڭ ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە بۇ توغرىلىق ھەر تۈرلۈك تەكلىپلەرنى سۇنۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ بىزنىڭ شىۋېتسىيەگە تۇتىدىغان پوزىتسىيەمىز ۋە پارلامېنتىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىزمۇ شىۋېتسىيە مەسىلىسىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى، ئۇلارنىڭ تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك پوزىتىسيەسىنى كونترول قىلىشى كېرەكلىكىنى، بۇ مەسىلە ئاللىقاچان بىزنىڭ مەجلىسىمىز كومىتېتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى» دېدى.

بايدىن بىلەن غەززە مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ سۆزلەشكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «غەززەدىكى ۋەقەلەردە 18 مىڭدىن ئارتۇق بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قازا قىلدى. مەكتەپلەر، مەسچىتلەر، چېركاۋلار ۋەيران بولدى. بۇلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىككە قانچىلىك ماس كېلىدىغانلىقىنى (سورىدۇق)، <بۇنىڭغا ئامېرىكا ئارىلىشىشى كېرەك، سىز چوقۇم ئارىلىشىشىڭىز كېرەك> دېدۇق. بۇنىڭغا سىلەر ئارىلاشمىغان تەقدىردە — ئەلۋەتتە، بۇ يەردە بىر ئىنسانلىق جىنايىتى بولغان ئىكەن — بىزمۇ قول قۇۋۇشتۇرۇپ تۇرالمايمىز. پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز (دېدۇق)» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر