تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئوساكاغا ئۇچۇشنى باشلىدى

دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرگە قاتناۋاتقان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ياپونىيەدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرىگە پايتەخت توكيودىن كېيىن، ئىككىنچى شەھەر سۈپىتىدە ئوساكانىمۇ ئۇچۇش تورىغا قوشتى.

2075768
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئوساكاغا ئۇچۇشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئاخبارات ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىك باشقارمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا  ئاساسلانغاندا، بۈگۈن (12-دېكابىر) باشلانغان ئايروپىلان سەپەرلىرى «Boeing 787-9» تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئارقىلىق ئىستانبۇل ئايرودۇرۇم بىلەن ئوساكا خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئوتتۇرىسىدا دۈشەنبە، سەيشەنبە، جۈمە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى بولۇپ ھەپتىدە تۆت كۈن داۋاملىشىدىكەن.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئۇچۇش جەدۋىلىگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا «www.turkishairlines.com» تور بېكىتىدىن، «444 0 849» نومۇرلۇق چاقىرىق مەركىزىدىن  ۋە بېلەت سېتىش ئىشخانىلىرىدىن ئېرىشكىلى بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر