ئەردوغان كوسوۋو پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كوسوۋو پىرېزىدېنتى ۋجوسا ئوسمانى - سادرىيۇ بىلەن كۆرۈشتى.
2074447
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان 2023 – يىللىق «‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنى دائىرىسىدە كوسوۋو پىرېزىدېنتى ۋجوسا ئوسمانى - سادرىيۇ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.
ئۇچرىشىش ئاخبارات ۋاستىلىرىغا يېپىق ھالتتە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
2023 – يىللىق «‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنى «بىرلىكتە تەرەققىي قىلىش - مەسئۇلىيەتلەر، پائالىيەتلەر ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ كونكرېت چارە – تەدبىرلىرى» تېمىسىدا ئەتىمۇ داۋاملىشىدۇ.