ئەردوغان: ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى  چوقۇم تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى چوقۇم تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ۋە تارىخنىڭ چاڭ-توزانلىرىدا ئۆز ئورنىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2073606
ئەردوغان: ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى  چوقۇم تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇدا ئىككى ئايدىن بۇيان غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان پەلەستىن جۇغراپىيەسىدە پەلەستىنلىكلەرگە ئۈزلۈكسىز زۇلۇم سېلىۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى ھەر بىر زۇلۇم ئۈچۈن چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، بۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، دەرۋەقە، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ قەيەرگە قاچىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.»

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى چوقۇم تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ۋە تارىخنىڭ چاڭ-توزانلىرىدا ئۆز ئورنىنى ئالىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە بۇ جاسارەتنى بەرگەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭمۇ ئوخشاش تەقدىرنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئەگەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىسرائىلىيەگە چەكسىز سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەرمىگەن بولسا، ئىسرائىلىيەمۇ بۇنداق بىپەرۋالىق قىلالمىغان بولاتتى.»

«غەربنىڭ ئېتەكلىرىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنۇۋالغان ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىنلىكلەرگە سېلىۋاتقان زۇلۇم – سىتەملىرىنى قانچىلىك كۈچەيتسە تۆلەيدىغان بەدەللىرىمۇ شۇنچە ئېغىر بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر