تۈركىيە كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە 2024-يىلدىن 2030-يىلغىچە كاربون قويۇپ بېرىشنى 100 مىليون توننا تۆۋەنلىتىشنى پىلانلىماقتا.

2072711
تۈركىيە كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بايراقتار 2024-يىلدىن 2030-يىلغىچە كاربون قويۇپ بېرىشنى 100 مىليون توننا تۆۋەنلىتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

مىنىستىر بايراقتار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا شەرتنامىسىنىڭ 28-نۆۋەتلىك يىغىنى دائىرىسىدە، دۇنيا بانكاسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ساپ نۆل قويۇپ بېرىشنىڭ يېڭى نىشانى: تۈركىيەنى قۇياش، شامال ئېنېرگىيەسى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتر تورلىرى ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش» تېمىسىدىكى سىنلىق ئىلمىي مۇھاپىمە يىغىنىغا ۋىدېيولۇق بايانات ئەۋەتتى.

بايراقتار باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ئىككىنچى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ھەرىكەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:

«ئىككىنچى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ھەرىكەت پىلانى دائىرىسىدە، 2024-يىلدىن 2030-يىلغىچە كاربون قويۇپ بېرىشنى 100 مىليون توننا تۆۋەنلىتىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز. دەرۋەقە، بۇ ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتىش يولىدا ئېغىر خىرىسلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىمىز ھەممىگە ئايان. ئەمما، خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە بۇ نىشانغا يېتىش ئىمكانىيىتىمىز بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر