ئەردوغان بۈگۈن قاتارغا بارىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بۈگۈن (4-دېكابىر) قاتارغا بارىدۇ.
2071999
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەيشەنبە كۈنى (5 – دېكابىر) قاتاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىغىمۇ قاتنىشىدۇ.
ئەردوغاننىڭ يىغىندا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلارنى بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.