ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋامىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كاتتىباشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورچىلار پاناھلىنىۋاتقان غار، پاناھ جاي ۋە ئوق-دورا ئىسكىلاتلىرى قاتارلىق 16 نىشان يەر بىلەن يەكسان قى

2071680
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان  باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك  ۋە باشقا تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىن تۈركىيە ھەم دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش، چېگرا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 51-ماددىسىدىكى قانۇنلۇق قوغدىنىش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقى بايان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

«2023-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 18.30 دا ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا، مەتىنا، ھاقۇرۇق ۋە قەندىل رايونلىرىدا تۇرۇشلۇق تېررورلۇق نىشانلىرىغا قارشى ھاۋا ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى. ھاۋا ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ كاتتىباشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورچىلار پاناھلىنىۋاتقان غار، پاناھ جاي ۋە ئوق-دورا ئىسكىلاتلىرى قاتارلىق 16 نىشان يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى، كۆپ ساندا تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. ئەزىز خەلقىمىزنىڭ  پىداكار ئەۋلادلىرى بولغان قەھرىمان قىسىملىرىمىز،  ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، تاكى ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانغا قەدەر تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشتۇرىدۇ.»

«ھاۋا ھەرىكەتلىرى جەريانىدا بىگۇناھ پۇقرالار، دوست دۆلەتلەرنىڭ قىسىملىرى، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەم مۇھىتنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەر قوللىنىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر