ئەردوغان: قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچىلار جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان غەززەدە يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خەلقئارا قانۇننىڭ بۇ جىنايەتلەرنى سادىر قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2071638
ئەردوغان: قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچىلار جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ كىلىمات ئۆزگىرىش رامكا ئەھدىنامىسىگە تەرەپ دۆلەتلەرنىڭ 28-نۆۋەتلىك دۇنيا كىلىمات ھەرىكىتى باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلدى.

تۈركىيەنىڭ بارلىق كىرىزىسلاردا تىنچلىقنى ياقلاپ كەلگەنلىكىنى، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىقنى ئاساس قىلغان ھالدا مەسىلىلەرگە چارە تېپىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەردوغان، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرى ھەققىدە توختالدى.

ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە كۆپىنچىسى بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ، 16 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىن پۇقراسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن ئاقلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «غەززەدە يۈز بەرگەن ئىشلار ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر، ئۇرۇش جىنايىتىدۇر؛ سادىر قىلغۇچىلىرى خەلقئارا قانۇن ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك» دېدى.

«ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر بىلەن بىرلىكتە، ھەممىمىز مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە 1967 – يىلىدىكى چېگرالار ئاساسىدا پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى كۆرۈپ يەتتۇق» دېگەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ بۇ ئىشقا روياپقا چىقىرىش يولىدىكى ھەر قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «دۇنيا بەشتىن چوڭ، تېخىمۇ ئادىل دۇنيا بەرپا قىلىش مۇمكىن» دېگەن چاقىرىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەن ئەردوغان، شوتلاندىيە باش مىنىستىرى ھەمزە يۈسۈپ بىلەن كۆرۈشۈپ، رايون ۋە دۇنياۋى ئۆزگىرىشلەر ھەمدە غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەنمۇ قىسقىلا سۆھبەتلەشتى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونى ۋە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ قاتارلىقلار بىلەنمۇ ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتى.

ئەردوغان-مېلونى ئۇچرىشىشىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى، تۈركىيەنىڭ غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئەۋەتىش تىرىشچانلىقى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن، قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىغىن جەريانىدا، رايوندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىۋاتقانلىقى ۋە ھۇجۇملار داۋاملاشقانسېرى تېخىمۇ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى، ئادەم ئۆلۈمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىسرائىلىيەنى توختىتىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان يېقىنقى بۇيانقى ۋەقەلەرنىڭ رايوندا 1967-يىلىدىكى چېگرا ئىچىدە مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى، بۇ مەسىلىدە ئىتالىيە بىلەن قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

ئىككى رەھبەر يەنە سۆھبەت جەريانىدا، مۇداپىئە سانائىتى، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇساپىسى، تاموژنا ئىتتىپاقىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر