ئەردوغان دۇبەيدە ئېچىلىدىغان كىلىمات ھەرىكىتى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۇنيا كىلىمات ھەرىكىتى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە بارىدۇ.

2070929
ئەردوغان دۇبەيدە ئېچىلىدىغان كىلىمات ھەرىكىتى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ دۇبەيدە ئېچىلىدىغان ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسىگە تەرەپ دۆلەتلەرنىڭ 28 – نۆۋەتلىك كىلىمات ھەرىكىتى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن، 30-نويابىردىن 1-دېكابىرغىچە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، يىغىنىدا، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش سىياسەتلىرى، ساقلىنىۋاتقان مۇھىت مەسىلىلىرى، ئېنېرگىيە، يېمەكلىك، ساغلاملىق قاتارلىق ھەر خىل مەسىلىلەر ھەققىدە يۇقىرى دەرىجىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش پىلانلانماقتا ئىكەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى يىغىن ئەھلىگە خىتاب قىلىدىكەن ۋە يىغىنغا ئىشىتراك قىلىۋاتقان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر