تۈركىيە غەززەگە دالا دوختۇرخانىسى قۇرۇشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە غەززەدە قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان «دالا دوختۇرخانىسى»نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قىلىدىغان تېخنىكا ھەيئىتى رايونغا يېتىپ باردى.

2069953
تۈركىيە غەززەگە دالا دوختۇرخانىسى قۇرۇشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە غەززەدە قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان «دالا دوختۇرخانىسى»نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قىلىدىغان تېخنىكا ھەيئىتى بۈگۈن ئەتىگەندە مىسىر ئارقىلىق غەززەگە بارغان.

تېخىنكا ھەيئىتىنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇلىدىغان جايغا ئالاقىدار يەكۈنلىرىگە قاراپ، دوختۇرخانىنىڭ بالدۇرراق ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى پىلانلانماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر