ئەردوغان پەلەستىن دەۋاسىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ پەلەستىننىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى تولۇق قوللىشىنىڭ غەززەلىك قېرىنداشلارنىڭ ئاۋازىنىڭ ئاڭلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

2065956
ئەردوغان پەلەستىن دەۋاسىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا تۈركىيەنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى توغرىسىدا يازما ھەمبەھىرلىدى.

ئەردوغان يازمىسىدا: «تۈركىيەنىڭ پەلەستىننىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى تولۇق قوللىشى غەززەلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازىنىڭ ئاڭلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. بىز تارىخىي مەسئۇلىيىتىمىزنى بىلىمىز ۋە شۇنىڭغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىمىز» دېدى.

ئەردوغان نىيىتى خالىس (ساپ) بولغانلىقى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان تېزىسنىڭ ھەققانىيلىقىغا بولغان ئىشەنچنىڭ ئاشقانلىقىنى  تەكىتلەپ: «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا بۇ ئىشەنچنىڭ نەتىجىسىنى كۆردۇق. باشلىقلار يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتى بىزنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىمىز بىلەن شەكىللەندۈرۈلدى. مەن بۇنى ئىنتايىن قىممەتلىك دەپ قارايمەن. ئەمدىلىكتە ھەممىلا مەسىلىلەردە دېگۈدەك پۈتۈن دۇنيا تۈركىيەنىڭ سۆزىگە قارايدىغان بولدى. بىزمۇ مىللىتىمىزدىن ئالغان كۈچ- قۇۋۋەت بىلەن تۈركىيەنىڭ ئېتىبارىغا يارىشىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتىمىز. بىزنىڭ ئاۋازىمىزنىڭ جاراڭلىق چىقىشىنىڭ تۈپ ئاساسى ئارقىمىزدا تەۋرەنمەي تىك تۇرىۋاتقان مىللىتىمىزنىڭ ئىشەنچىسى ۋە تەۋرەنمەس قوللىشىدۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يازمىسىنىڭ ئاخىرىنى: «بىز بۇ مىللەتكە بىر ۋەدە بەردۇق. <تىك تۇرىمىز> دېدۇق. بىز بۇ دۆلەتنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شەرەپ - ئېتىبارىنى ھەرگىز يەرگە چۈشۈرمەيمىز. ھەممىلا يەردە ئەڭ كۈچلۈك ئۇسۇلدا قوغدايمىز. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئاخىرىلاشتۇردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر