ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارنىڭ بىر كاتتىبېشىنى، ئىراقنىڭ شىمالىدا 13 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى.

2065499
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە-قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى ۋە خاكۇرك رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك  ئەزاسى 13 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز <ئىزدە، تاپ، يوقات> شوئارى ئاستىدا تۈگكەن مۇشتى بىلەن تېررورچىلارنى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە-قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى ۋە خاكۇرك رايونلىرىدا بايقالغان 13 تېررورچىسىنىڭ ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغىچە قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ نىڭ ئاتالمىش «ئىدېئولوگىيەلىك ساھەلەر مەسئۇلى» ئىدرىس سەرھات كود ئىسىملىك ئەلى سۇباشىنى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بىر تەرەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر