1915-يىلى چاناققەلئە كۆۋرۈكى ئارقىمۇ ئارقىدىن خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشمەكتە

1915-يىلى چاناققەلئە كۆۋرۈكىبۇ قېتىم خەلقئارا كۆۋرۈك ۋە قۇرۇلۇش ئىنژېنېرلىرى جەمئىيىتى (IABSE) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «چوڭ تاشيول ۋە تۆمۈر يول كۆۋرۈكى» تۈرىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.

2063341
1915-يىلى چاناققەلئە كۆۋرۈكى ئارقىمۇ ئارقىدىن خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: خەلقئارا كۆۋرۈك ۋە قۇرۇلۇش ئىنژېنېرلىرى جەمئىيىتى 1998-يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قۇرۇلۇش لايىھەلىرى قاتنىشىدىغان «IABSE 2023 لايىھە ۋە تېخنىكا مۇكاپاتى» غا ئېرىشكۈچىلەر شىۋىيېتسارىيەنىڭ زىيۇرىخ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ئېلان قىلىندى.

يېڭى زېلاندىيە، ۋېنگىرىيە، دانىيە، قاتار، ھىندىستان، فىلىپپىن ۋە خىتاي قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ 40 تىن ئارتۇق يەرشارى خاراكتېرلىق لايىھەلىرى 14 كىشىلىك باھالىغۇچىلار ئەترىتى تەرىپىدىن 7 كاتىگورىيەدە باھالاپ چىقىلدى.  

قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرلىقى تاشيول ئىدارىسى تەرىپىدىن ھۆددىگە بېرىلگەن ھەمدە  قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى باشقۇرىشىنى تۈركىيەنىڭ لىماك قۇرۇلۇش مەركەزى بىلەن كورېيەنىڭ «DL E&C ۋە SK ئېكولوگىيە شىركىتى ئۆز ئۈستىگە ئالغان 1915-يىلى چاناققەلئە كۆۋرۈكى لايىھەسى، «ئاساسلىق تاشيول ۋە تۆمۈر يول كۆۋرۈكى» لايىھەلىرى تۈرى بويىچە، خىتاي، فىلىپپىن ۋە بوتسۋانانىڭ لايىھەلىرىمۇ قاتناشقان مۇسابىقىدا بىرىنچىلىكككە لايىق كۆرۈلدى.  

ئۆتكەن ھەپتىلەردە قۇرۇلۇش دۇنياسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مېدىيا ئورگىنى بولغان « Engineering News-Record (ENR)» (قۇرۇلۇش خەۋەرلىرى-رېكورتى (ENR)) ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى قۇرۇلۇش لايىھەلىرى تاللانغان «يەرشارى خاراكتېرلىق ئەڭ ياخشى لايىھەلەر» مۇسابىقىسىدىمۇ بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن 1915-يىلى چاناققەلئە كۆۋرۈكى، مۇشۇنىڭ بىلەن جەمئىي  24 دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر