ئەردوغان بۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادقا بېرىپ، «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ پەۋقۇلئاددە بىرلەشمە باشلىقلار يىغىنى» ئىشتىراك قىلىدۇ.

2063203
ئەردوغان بۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈىشچە، ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە قاتارلىق ئىشغال قىلىنغان پەلەستىن زېمىنلىرىغا ۋە پەلەستىن خەلقىگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە چاقىرىلىدىغان 8-نۆۋەتلىك ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرى پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.

يىغىندا، ئىسلام دۇنياسى ۋەكىللىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە قارىتا تاشلىنىدىغان كونكرېت قەدەملەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشى پىلانلانماقتا ئىكەن.

باشلىقلار يىغىنىدا ئىشىتراكچىلارغا خىتاب قىلىدىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، ئىشتىراكچى رەھبەرلەر بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنىمۇ ئۆتكۈزىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر