فىرات قالقىنى رايونىدا ئىككى تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەنىڭ  شىمالىدىكى «‹فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى.

2063064
فىرات قالقىنى رايونىدا ئىككى تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ  شىمالىدىكى «‹فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچىنىڭ  بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بىردىنبىر مەقسىتى رايوننى قانغا بوياش بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى تېررورچىلارغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر