راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان پەلەستىنلىك بالىلار تۈركىيەدە داۋالىنىدۇ

تۈركىيە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان پەلەستىنلىك بالىلارنى تۈركىيەگە كەلتۈرۈپ داۋالايدۇ.

2062442
راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان پەلەستىنلىك بالىلار تۈركىيەدە داۋالىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە قىلغان سۆزىدە، پەلەستىندە داۋالاش ئىشلىرى يېرىم قالغان پەلەستىنلىك راك بىمارلىرىنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر كوجا بۇ ھەقتە ئىسرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا ھەرقانداق شەكىلدىكى زوراۋانلىقنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، سەھىيە خىزمىتىنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلالماسلىقنىڭ ھېچقانداق ئىزاھاتى يوقلۇقى توغرىسىدا ئىسرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرى بىلەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«تېلېفون سۆھبىتىمىزدە، ئىسرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرىغا،  تۈركىيە-پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ غەززەدە راك كېسەللىكلىرىنى داۋالاپ كېلىۋاتقان بىردىنبىر دوختۇرخانا ئىكەنلىكىنى، شارائىت يار بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن مۇلازىمەت قىلالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدىم.»

كوجا ئىسرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرىغا، ئىسرائىلىيەنىڭمۇ بىگۇناھ بالىلارغا داۋاملىق داۋالىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى خاتىرىلەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرىغا،  بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىمارلارنى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى بىلەن مىسىرغا، ئۇ يەردىن قۇتقۇزۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن تۈركىيەگە كەلتۈرۈپ داۋالاشقا تەييار ئىكەنلىكىمىزنى بايان قىلدىم. راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان پەلەستىنلىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان راك بىمارلىرىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىشكە باشلايمىز.»

ئۇ يەنە بۈگۈن يولغا چىقىدىغان پاراخوت ئارقىلىق دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، 8 دالا دوختۇرخانىسى، 20 قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ۋە داۋالاش ماتېرىياللىرى قاتارلىق 500 توننا تېببىي ياردەم ئەسلىھەلىرىنى رايونغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر