تۈركىيە غەززەگە داۋالاش بۇيۇملىرى ياردىمى پاراخوتى ئەۋەتىدۇ

تۈركىيە غەززەگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن مىسىرغا دالا دوختۇرخانىلىرى، دورا، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرى قاچىلانغان ياردەم پاراخوتى ئەۋەتىدۇ.

2061918
تۈركىيە غەززەگە داۋالاش بۇيۇملىرى ياردىمى پاراخوتى ئەۋەتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن غەززەگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىغان داۋالاش ئەسلىھەلىرى ياردىمى پاراخوتىغا، ئەتە ئەنقەرە ۋاقتى 14.00 دە، ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ ئالسانجاق پورتىدا، دالا دوختۇرخانىلىرى، دورا، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرى قاچىلىنىشقا باشلىنىدىكەن.

بۇ پاراخوتقا، ئوپېراتسىيە بۆلۈملىرى، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش بۆلۈملىرى بار، ھەر خىل ھاۋا كىلىمات شارائىتىغا چىداملىق دالا دوختۇرخانىلىرى، بۇ دوختۇرخانىلاردا ئىشلىتىلىدىغان تېببىي دورا ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىمۇ قاچىلىنىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بارلىق ئەسلىھەلىرى تولۇق 20 قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، دۆلەتلىك داۋالاش قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ئاپتوموبىللىرى ۋە ساغلاملىق - سەھىيە ئەسلىھەلىرىدە ئىشلىتىلىدىغان گېنېراتورلارمۇ ئەۋەتىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر