ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىل ۋە باتارېيە ئىشلەپچىقىرىشى ھەققىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنى ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىل ۋە باتارېيە ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئاكتىيورلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2060356
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىل ۋە باتارېيە ئىشلەپچىقىرىشى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئەردوغان كوجائەلىنىڭ گولچۇك ناھىيەسىدە «فورد ئوتوسان يېنىكوي زاۋۇتى ئېچىلىش مۇراسىمى» دا سۆز قىلىپ: «بىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيا رەت تەرتىپىدەئەسلىدىكى  15-ئورۇندىن 13-ئورۇنغا ئۆرلىگەنلىكىمىز، توغرا يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

ئەردوغان ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن يەر شارى خاراكلتېرلىق كرىزىسلارغا قارىماستىن تۈركىيەنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۆتكەن يىلى ئاپتوموبىل ئېكسپورتىنىڭ 9 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، تاشقى سودىدا ئىشىنچا رەقەم كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان تۈركىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بازىرىدىكى تېخنىكا ئۆزگىرىشىگە تېزلا ماسلىشىش ئارقىلىق قولغان كەلتۈرگەن بۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت كۈچىنى ساقلاپ قېلىشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلېكترونلۇق ئاپتوموبىللارغا بولغان قىزىقىشنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، توگنىڭ يوللارغا چىقىشى تۈرۈتكە بولغان قىزىقىش سايىسىدا تېزلا تەرەققىي قىلغان ئېلېكترونلۇق ئاپتوموبىل بازىرىغا ئىگە بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىمىز. مەقسىتىمىز دۆلىتىمىزنى ئېلېكترونلۇق ئاپتوموبىل ۋە باتارېيە ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشتۇر» دېدى.

ئەردوغان ئېلېكترونلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسىدە 70 گېگاۋات سائەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا بۇرۇنلا يەتكەن بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ كېچىككەندە 2030-يىلغىچە ياۋروپانىڭ باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى  تەكىتلىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر