كوجا ئىسرائىلىيەنىڭ شىفا دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى بىمارلار ۋە يارىلانغانلارنى ئېلىپ كېتىۋاتقان قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى.

2060200
كوجا ئىسرائىلىيەنىڭ شىفا دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر فاھرەتتىن كوجا ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ سەھىيە ئاپپاراتلىرىغا ۋە بىمارلار ۋە يارىلانغانلارنى ئېلىپ ماڭغان قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇ بىمارلار ۋە يارىلانغانلار بار قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن، يەنە نېمە ئىشلار يۈز بېرىشى كېرەك؟ ئىسرائىلىيەنىڭ سەھىيە ئاپپاراتلىرىغا، كېسەل ۋە يارىلانغانلارنى ئېلىپ ماڭغان قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىغا قىلغان نومۇسسىز ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىقىش دېگەن ئىبارە بىلەنمۇ تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولمايدىغان ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا. بۈگۈن (تۈنۈگۈن)، ئەھۋالى ئېغىر بولغان، رفاھ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق مىسىرغا كىرىشنى كۈتۈۋاتقان بىمارلار ۋە يارىدارلار، ئۇلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەن قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىدىكى پەيتلىرىدە شىفا دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

بىز يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولغان غەززەلىك قېرىنداشلىرىمىزنى دۆلىتىمىزگە يۆتكەشكە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلەيمىز. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەدبىر قوللىنىپ، بۇ قالايمىقان ھۇجۇملارنى بالدۇرراق توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ شىفا دوختۇرخانىسىنىڭ كىرىش ئېغىزى ۋە قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە 13 پەلەستىنلىكنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 26 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» 7 – ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ۋە مەسجىدى ئەقسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس ئورۇنلارنىڭ  ھۆرمەت ۋە ھوقۇقىنى ئىزچىل دەپسەندە قىلىشىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ غەززەنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلىشنى باشلىغانىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ئىككى تەرەپتە مىڭلارچە ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر