مىنىستىر فىدان غەززە دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان غەززە دىپلوماتىيەسىنى داۋام قىلدۇرماقتا.
2058638
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر خاقان فىدان سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فەيسال بىن فەرخان بىلەن تېلېفونلىشىپ، پەلەستىندىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.
ئۇ يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ يېقىن شەرقتىكى پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش ئاگېنتلىقى باش كومىسسارى فىلىپپې لاززارىنى بىلەنمۇ تېلېفونلىشىپ، غەززەدىكى ئىنسانىي ۋەزىيەت توغرىسىدا سۆزلەشكەن.