ئەردوغان: «ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى» ۋاكسىنىسى بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى» ۋاكسىنىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2058436
ئەردوغان: «ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى» ۋاكسىنىسى بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدىكى كېيۋاك (KeyVac) ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئومۇمىي كۆلىمى 29 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىغان كېيۋاك ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىنىڭ ۋاكسىنا ساھەسىدە يېتەكچى رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ كوۋىد – 19 خىزمەتلىرىنى دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر ياققا ئېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن: «بىز ئىنسانپەرۋەرلىك مەجبۇرىيىتىمىزنى 161 دۆلەت ۋە 12 خەلقئارالىق تەشكىلاتنى داۋالاش ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئادا قىلدۇق. دۆلىتىمىز يېقىنقى بىر ئەسىرنىڭ ئەڭ ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل كىرىزىسىدىن كۈچەيگەن، دوستلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتكەن ھالدا چىقتى» دېدى.

كۆپىنچە ھاللاردا چەت ئەللەردىن تەمىنلىنىدىغان «ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى» ۋاكسىنىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «تۈركىيە (ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى) ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىشلەپچىقارغان 4- دۆلەت بولىدۇ. بىزنىڭ چەت ئەلگە تايىنىشچانلىقىمىز تۆۋەنلەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر