تۈركىيە غەززەدىكى تۈركىيە - پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ بومباردىمان قىلىنىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە غەززەدىكى تۈركىيە- پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2058025
تۈركىيە غەززەدىكى تۈركىيە - پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ بومباردىمان قىلىنىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى تۈركىيە-پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيمىز. كوردىناتلىرىنى ئۆز ئىچىگە بارلىق زۆرۈر ئۇچۇرلىرى ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىلغان بولۇشىغا قارىماي، غەززەدىكى بىردىنبىر راك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ بۇ شەكىلدە ھۇجۇم قىلىنىشىنى ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«غەززەدىكى پەلەستىن خەلقىنى ئەڭ ئاساسلىق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىشنى مەقسەت قىلغان قورشاۋ ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھۇجۇملار، خەلقئارا قانۇنغا ئوچۇق - ئاشكارا خىلاپتۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ئاھالىسىنى قارا – قويۇق ھالەتتە زەربە ئوبيېكتى قىلىشتىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

غەززەدىكى راك بىمارلىرى داۋالىنىۋاتقان بىردىنبىر دوختۇرخانا بولغان «تۈركىيە- پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسى» پەلەستىندىكى ئەڭ چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ بىرى ئىدى.

تۈركىيە تەرىپىدىن تەخمىنەن 34 مىڭ 800 كىۋادرات مېتىر جايغا سېلىنغان ئۈچ قەۋەتلىك بۇ دوختۇرخانا، 180 كارىۋاتلىق بولۇپ، قۇرۇلۇشى 2017- يىلى پۈتكۈزۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر