سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئىككى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

سۈرىيەنىڭ  شىمالىدىكى «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىندى.

2058280
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئىككى تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان تېررورچىلارغا ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇلغان.

بۇ دائىرىدە، سۈرىيەنىڭ  شىمالىدىكى «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ ئاتالمىش مەتىنا رايونلۇق ئەشيا ئوبوروت ئىشلىرى مەسئۇلى جاھىت ئاقتاينى ئۇجۇقتۇرغان.

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىقايانىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، 28 ۋىلايەتتە 4 مىڭ 731 ئەترەتتىن تەشكىل تاپقان 61 مىڭ 500 قوراللىق ساقچى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان «قەھرىمانلار ھەرىكىتى» داۋامىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن  قىش ئايلىرىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييارلانغان  11 چوڭ غار ۋە پاناھلىنىش ئورنى يەر بىلەن يەكسان قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر