فىدان: پەلەستىنلىكلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىش ئىسرائىلىيەگە تىنچلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان: «پەلەستىنلىكلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىش ئىسرائىلىيەگە تىنچلىق ئېلىپ كەلمىدى ۋە كەلمەيدۇ» دېدى.

2056970
فىدان: پەلەستىنلىكلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىش ئىسرائىلىيەگە تىنچلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر خاقان فىدان پايتەخت ئەنقەرەدە دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لارس لوككې راسمۇسسېن بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىنى تىلغا ئېلىپ: «ئىسرائىلىيە چوقۇم بىر يول تاللىشى كېرەك. پەلەستىنلىكلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىش، ھەق – ھوقۇقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش، بېسىم ئىشلىتىش ۋە زۇلۇم قىلىش ئىسرائىلىيەگە تىنچلىق ئېلىپ كەلمىدى ۋە ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى.

«غەززە مەسىلىسىدە پۈتكۈل ئىنسانىيەت بىر ئاچالغا دۇچ كەلدى. بۇ يەردە يا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىدىغان چوڭ ئۇرۇش يۈز بېرىدۇ ياكى بۈيۈك تىنچلىق بارلىققا كېلىدۇ» دېگەن فىدان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز (راسمۇسسېنغا) پەلەستىن دۆلىتىنىڭ بىر قىسمى ۋە دۆلەت سىستېمىسىدىكى بىر سىياسىي پارتىيە بولغان ھاماسنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارىمايدىغانلىقىمىزنى ئېيتتۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر فىدان يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز بۇ زۇلۇم ئالدىدا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ غەززەگە ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش لازىم. بىز ئەزەلدىن زۇلۇمغا شېرىك بولمىدۇق ۋە بولمايمىز. بىزنىڭ ئىسرائىلىيەدىن تەلەپ قىلىدىغىنىمىز، تىنچلىق ئورنىتىش چاقىرىقىمىزغا قۇلاق سېلىشىدۇر» دېدى.

دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راسمۇسسېنمۇ تۈركىيەنىڭ رايون، دۇنيا ۋە ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناۋاتقان كۈچ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر