فىدان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەبۇزەبىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى (پىرېزىدېنتى) مۇھەممەد بىن زايىد ئال نەھيان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

2055397
فىدان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى <X>  تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پايتەختى ئەبۇزەبىگە بارغان مىنىستىر خاقان فىداننىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى ئال نەھيان بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

فىدان ئەبۇزەبىدىكى زىيارىتى دائىرىسىدە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ ئابدۇللاھ بىن زايىد ئال نەھيان بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر فىدان يەنە، ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە تاشقى سودا مىنىستىرى پېتىر سزىجارتو بىلەن تېلېفونلىشىپ، نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەن.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىغا قارىغاندا، خاقان فىدان بۈگۈن (25-ئۆكتەبىر) قاتاردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، دوھادا قاتار باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان بىلەن دوھادا كۆرۈشىدىكەن ۋە قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىكەن.

مۆلچەرلىنىشىچە، ئۇچرىشىشلاردا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە دوھادا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان تۈركىيە - قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك كومىتېتىنىڭ توققۇز توققۇزىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، پەلەستىننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، رايون ۋە خەلقئارا سەھنىلەردىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر