ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ دوختۇرخانا بومباردىمان قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئەلئەھلى بابتىست دوختۇرخانىسىنى بومباردىمان قىلىشىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ: «مەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ھەرىكەتكە كېلىپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇ ۋەھشىيلىكنى توختىتىشقا چاقىرىمەن» دېدى.

2052302
ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ دوختۇرخانا بومباردىمان قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قانلىق ھۇجۇمدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «ئاياللار، بالىلار ۋە بىگۇناھ پۇقرالار تۇرۇۋاتقان بىر دوختۇرخانىنى بومباردىمان قىلىش، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىنسانىي قىممەت قاراشتىن مەھرۇم ھۇجۇملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى. مەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ھەرىكەتكە كېلىپ، غەززەدىكى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇ ۋەھشىيلىكنى توختىتىشقا چاقىرىمەن» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئەلئەھلى بابتىست دوختۇرخانىسىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 500 ئادەم قازا قىلدى.

غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئەشرەف ئەلقۇدرە، ئەلئەھلى بابتىست دوختۇرخانىسىنىڭ بومباردىمان قىلىنىشى نەتىجىسىدە، كۆپ سانلىقى بوۋاقلار، بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ، 500 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بومباردىماندىن كېيىن، ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر