سىياسىي ئەربابلار ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيەدىكى ھەر قايسى قاتلام سىياسىي ئەربابلار ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.

2052648
سىياسىي ئەربابلار ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇننى كۆزگە ئىلماي، پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلىنغان ھۇجۇملىرىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا <ئىنسانىيەت>كە رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«پۇقرالار ئاھالىلەر رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقان رەھىمسىز زىئونىزمنىڭ غەززەدىكى بىر دوختۇرخانىغا ھۇجۇم قىلىپ، يۈزلىگەن بىگۇناھ كىشىنى قىرغىن قىلغانلىقى»نى تىلغا ئالغان قۇرتۇلمۇش، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇننى كۆزگە ئىلماي، پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلىنغان ھۇجۇملىرىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايمىز ۋە ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيمىز. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، غەززەگە قارىتىلغان تەڭسىز شۇنداقلا ئەخلاقىي ۋە ئىنسانىي قىممەتلەردىن يىراق ۋەھشىي ھۇجۇملارغا قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە گۇرۇپپىسى بولغان بارلىق سىياسىي پارتىيەلەر ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىلارنى بومباردىمان قىلىشىغا قارىتا ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى.

«بىز ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولغان بۇ ھۇجۇملارنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىدىكى بارلىق پارتىيە گۇرۇپپىلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دۇنيا پارلامېنتلىرى، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنى بۇ رەھىمسىزلىكنى توختىتىش ئۈچۈن پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مەيدانىنى ئېنىق قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور پاجىئە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «بىز ئوتقا يېقىلغۇ تۆكىتىدىغان باياناتلارنى ئېلان قىلغانلارنىڭ ۋە ئىسرائىلىيەنى شەرتسىز قوللىغانلارنىڭ، بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن پوزىتسىيەلىرىنى قايتا ئويلىشىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

سىياسى پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە مىنىستىرلارمۇ ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرىلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ «بېمارلار ۋە ياشانغانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق توختىشى كېرەك. غەززەنىڭ بومباردىمان قىلىنىشى توختىشى كېرەك. دۇنيا ئويغىنىپ، تۆكۈلۈۋاتقان قانغا خاتېمە بېرىشى لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر