تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا سىستېمىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ۋە ئۆمرە ئىشلىرى مىنىستىرى تەۋفىق ئەررەبىيئە دۆلىتىنىڭ تۈركىيەنى ئېلېكترونلۇق ۋىزا ئالالايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

2052139
تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا سىستېمىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇ سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ۋە ئۆمرە ئىشلىرى مىنىستىرى تەۋفىق ئەررەبىيئە ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن مىنىستىرلىقتا كۆرۈشتى.

يىغىندا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇرالئوغلۇ: «ۋىزا بېجىرىش ئىشلىرىنىڭ قولايلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ قەدەم ئۆمرە، ھەج ۋە باشقا ساياھەتلەرگە زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

تەۋفىق ئەررەبىيئەمۇ تۈركىيەنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلىپ: «تۈركىيە پۇقرالىرى ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا سىستېمىسى ئارقىلىق بەش مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ياكى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەر قانداق ئايرودۇرۇمىغا بارغاندا ۋىزا ئالالايدۇ. بىر يىل كۈچكە ئىگە بولىدىغان ۋىزا بىلەن 90 كۈن تۇرالايدۇ. تۈركىيە پۇقرالىرى ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا بىلەن مەككە، مەدىنە ھەمدە باشقا بارلىق رايون ۋە شەھەرلەرنى زىيارەت قىلالايدۇ» دېدى.

مىنىستىر تەۋفىق ئەررەبىيئە سەئۇدى ئەرەبىستان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئورۇندۇق سىغىمىنى ئاشۇرغانلىقىنى، ئەنقەرەدىن مەدىنە ۋە جىددەگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مېھمان مىنىستىر ھەم ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا ھەم ئۇچۇش قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ ساياھەت ۋە باشقا ساھەلەرگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مىنىستىر ئۇرالئوغلۇ بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ يەرلىك ماشىنىسى — توگنى ھەيدەپ سىناپ باققانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، تۈركىيەنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستاندا كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر