تۈركىيە پارلامېنتى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئادالەت ھەمدە تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن دەرھال سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلاشقا چاقىردى.

2050395
تۈركىيە پارلامېنتى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننى تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە-ھاماس توقۇنۇشى توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياننامە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە گۇرۇپپىسى بار بارلىق سىياسىي پارتىيەلەر تەرىپىدىن ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئېلان قىلىندى.

باياننامەدە، غەززە ۋە ئىسرائىلىيەدىكى توقۇنۇشلاردا ئۆلۈپ كېتىۋاتقان پۇقرالار سانىنىڭ كۆپ بولۇشى، ئاممىۋى مۇئەسسەسەلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىشى، پۇقرالارنى ئەڭ ئەقەللىي ئېھتىياجلىرىنىمۇ قاندۇرالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشىنىڭ  تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىش ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. شۇنداقلا كىرىزىسنىڭ باشقا رايونلارغىمۇ كېڭىيىپ كېتىش خەۋپىنىڭ، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا چوڭ تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:

«يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر ئۇدا 56 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قانۇنسىز ئىشغالىيەت ۋە بۇ ئىشالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. يەرلىرى، تۇرمۇشى، كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ – ئارمانلىرى ۋە ئۈمىدلىرى تارتىۋېلىنغان پەلەستىن خەلقى بۈگۈنكى كۈندە مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە قورشاۋ ئاستىدا قالماقتا. 2 مىليون كىشى ياشاۋاتقان ۋە 16 يىللىق قامال ئارقىلىق ئاللىقاچان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلىنىپ قالغان غەززەگە بېرىلىۋاتقان يېمەكلىك، ئېنېرگىيە ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ توختاپ قېلىشى، پۇقرالار  ئولتۇراق رايونلىرىنىڭمۇ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىشى خەلقئارا قانۇننىڭ ئوچۇق - ئاشكارا شۇنداقلا ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشىدۇر.»

باياننامەدە، پەلەستىن زېمىنلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىشغالىيەت ھەرىكەتلىرىگە دەرھال خاتىمە بېرىپ، ئادالەت ھەمدە تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

«ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل خەلقئارالىق جەمئىيەتلەر دەرھال مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، كىرىزىسنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئاساسىدا، توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى ئادالەت ھەمدە تىنچلىق ئورنىتىشقا يېتەكلىشى كېرەك. شۇنى قايتا تەكىتلەيمىزكى، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ئادىل ھەل قىلغاندىلا، شۇنداقلا 1967-يىلقى چېگرا لىنىيەلىرىگە ئاساسەن، پايتەختى قۇددۇس بولغان، مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە جۇغراپىيەلىك بىر گەۋدىلىككە ئىگە پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغاندىلا ئاندىن ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئادالەت ھەمدە تىنچلىقنى ئورناتقىلى بولىدۇ.»

باياننامەدە يەنە، غەززە ۋە ئىسرائىلىيەدە توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەردىن توقۇنۇشلارنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىشنى توختىتىشى، ۋ پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلماسلىقى تەلەپ قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

«غەززەدىكى پۈتمەس – تۈگىمەس ئىنسانىي تىراگېدىيەنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋاتقان كوللېكتىپ جازالاش تەدبىرلىرى ئارقىلىق بىۋاسىتە پۇقرالار نىشان قىلىنىۋاتقان بارلىق ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنى تېخىمۇ كۆپ كېچىكتۈرمەستىن كىرىزىسنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش  چارەسى ئاساسىدا ئۇزۇن مەزگىللىك ئادالەت ھەمدە تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلاشقا چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر