فىدان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ ئابدۇللاھ بىن زايىد ئەننەھيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2050297
فىدان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ ئابدۇللاھ بىن زايىد ئەننەھياننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر دائىرىسىدە، غەززەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيە ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى شەنبە (7-ئۆكتەبىر) كۈنى ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى. غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغان، قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا كىرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا، ھەر ئىككى تەرەپتىن يۈزلىگەن كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر