قۇرتۇلمۇش: دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن پەلەستىن مەسىلىسى ھەل قىلىنىشى كېرەك

تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تۈگىتىپ، خاتىرجەملىككە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2048915
قۇرتۇلمۇش: دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن پەلەستىن مەسىلىسى ھەل قىلىنىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش پايتەخت ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش يىلى ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

ئۇ 7- ئۆكتەبىر باشلانغان ئىسرائىلىيە- پەلەستىن توقۇنۇشى ھەققىدە توختىلىپ: «ئوتتۇرا شەرقتە ھەممە كىشىنىڭ ياشاش ھوقۇقى بار-دە، بىچارە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ياشاش ھوقۇقى يوقمۇ؟! ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھوقۇقى بولسا، تولۇق مەنىدىكى بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇش ھوقۇقى يوقمۇ؟! بۇ قوش ئۆلچەمگە خاتىمە بېرىلىپ، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش تولىمۇ زۆرۈر» دېدى.

قۇرتۇلمۇش توقۇنۇشلارنىڭ توختىتىلىشىنى، ئىنسانلارنى تالاپەتكە ئۇچرىتىشقا خاتىمە بېرىلىشىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «دۇنيا تىنچلىقىنىڭ ئىشىكى ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنىڭ ئىشىكى بولسا، ئەركىن پەلەستىن قۇرۇلغۇچە پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئىسرائىلىيە- پەلەستىن توقۇنۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشقا تەييارمىز» دېدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى باشلىقى قۇرتۇلمۇش يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ب د ت بىر قەغەز تەشكىلاتقا ئايلىنىپ قالدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر