ئەنقەرە «تۈركىيە دوختۇرخانا بومباردىمان قىلدى» سەپسەتىسىنى رەت قىلدى

«تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ دەرىك رايونىدىكى بىر دوختۇرخانىنى بومباردىمان قىلدى» دېگەن سەپسەتەنىڭ توغرا ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى.

2047534
ئەنقەرە «تۈركىيە دوختۇرخانا بومباردىمان قىلدى» سەپسەتىسىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى قارمىقىدىكى يالغان تەشۋىقاتقا تاقابىل تۇرۇش مەركىزى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك يالغان خەۋەرلەر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى تېررورچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا،  بىگۇناھ پۇقرالار، دوست كۈچلەر، تارىخىي، مەدەنىيەت بايلىقلىرى ۋە مۇھىتقا زىيان يېتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «بىتچىت قىلىپ تاشلانغان تېررور لاگېرلىرى <دوختۇرخانا ۋە ئاھالىلەر رايونى> دەپ بۇرمىلاپ تارقىتىلىپ، يالغان تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلماقتا. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇرمىلاشلىرىغا ئىشەنمەڭلار. پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان ئادرېسلار تەرىپىدىن تارقىتىلغان <تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ دەرىك ناھىيەسىدە دوختۇرخانا بومباردىمان قىلدى> دېگەن سەپسەتە توغرا ئەمەس» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر