تۈركىيە-ئامېرىكا دائىرىلىرى تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە – ئامېرىكا دائىرىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ غا قارشى ھاۋا ھەرىكەتلىرى توغرىلىق تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2047188
تۈركىيە-ئامېرىكا دائىرىلىرى تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

مىنىستىر ياشار گۈلەر تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشغا قارشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئورتاق كۈرەش قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ھەر ئىككى مىنىستىر بۇ رايوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەردە، ئامېرىكا – تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق  دېگەن: «تېلېفون سۆھبىتىمىزدە، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىش ئىرادىمىزنىڭ قەتئىيلىكىنى قايتا تەكىتلىدىم.»

تۈركىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مەتىن گۈراقمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال چارلېز بروۋېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

ئىككى گېنېرالنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر