مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بەردى

تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى سۈرىيەدە ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ غا ئائىت قورال – ياراغ، ئوق - دورا ئىسكىلاتلىرى، تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە بۇزغۇنچىلىق ئەترەتلىرى جايلاشقان بىنالارنى ۋەيران قىلدى.

2047014
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ يەكشەنبە كۈنى (2023-يىلى 1-ئۆكتەبىر) پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ سۈرىيەدە پىلانلانغانلىقى ۋە ھەرىكەتكە قاتناشقان تېررورچىلارنىڭ بۇ رايوندىن تۈركىيەگە ئۆتكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغاندىن كېيىن، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى مۇئەسسەسەلىرىگە شۇنداقلا كاتتىباشلىرىغا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

رايوندا ئاخبارات پائالىيەتلىرىدىن كېيىن قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ غا ئائىت قورال – ياراغ، ئوق - دورا ئىسكىلاتلىرى، تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە بۇزغۇنچىلىق ئەترەتلىرى جايلاشقان بىنالارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.

بۇ جەرياندا، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلگەن:

«بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك ۋە باشقا تېررورچىلارنى  يوقىتىپ، ئىراقنىڭ  شىمالىدىن تۈركىيە خەلقىگە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى  بىر تەرەپ قىلىش، چېگرا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 51-ماددىسىدىكى ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئاساسەن، سۈرىيەنىڭ  شىمالىدىكى تەلرىفئەت، جىزرە ۋە دەرىك رايونلىرىدىكى تېررورلۇق نىشانلىرىغا قارشى، 5 – ئۆكتەبىر كۈنى (2023) ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 23.00 تە ھاۋا ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى.»

«ھاۋا ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك تېررورچىلىرى پايدىلىنىۋاتقان نېفىت قۇدۇقلىرى، نېفىت ئىسكىلاتلىرى، ئىچىدە تېررورچىلارنىڭ كاتتىباشلىرىمۇ بار بولغان غار، پاناھ جاي ۋە قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرىدىن تەشكىل تاپقان 30 نىشان يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى، ئوق – دورىلار ۋەيران قىلىندى، نۇرغۇن تېررورچىلار بىر تەرەپ قىلىندى.»

 «ئەزىز خەلقىمىزنىڭ باغرىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن قەھرىمان قىسىملىرىمىز ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا بۈگۈنكى كۈندىمۇ دۆلىتىمىزنىڭ، خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلماقتا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تاكى ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغانغا قەدەر ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىدۇ. ھاۋا ھەرىكەتلىرى داۋامىدا تۈرلۈك تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇپ، بىگۇناھ پۇقرالار، دوست قوراللىق قىسىملىرى، مەدەنىيەت – سەنئەت يادىكارلىقلىرى ۋە مۇھىتنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر