ئەردوغان غەرب ئەللىرىنىڭ پ ك ك تېررورچىلىرىغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مىڭلىغان پەرزەنتى تېررورىزمنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بىر خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرك خەلقىنىڭ قولى قان تەلۋىلەرگە كۆرسىتىلگەن كەڭ قورساقلارچە پوزىتسىيەنى چۈشىنەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2045741
ئەردوغان غەرب ئەللىرىنىڭ پ ك ك تېررورچىلىرىغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يۇقىرى سوت مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدىكى سۆزى جەريانىدا، ھەپتە ئاخىرىدا پايتەخت ئەنقەرەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا توختىلىپ، غەرب ئەللىرىنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيەنىڭ ھەر جەھەتتىن رەھىمسىز ۋە ھۇجۇمچى بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «ئەگەر تېررورچىلار يوقىتىلمىغان بولسا ئىدى، چەت ئەلگە قېچىپ چىقىپ، سىياسىي مۇساپىرغا ئايلانغان بولاتتى. بىز دوستلىرىمىزنىڭ ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە، كونكرېت قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى كۆرۈشنى خالايمىز. شۇ نۇقتا ئېنىق بولۇشى كېرەككى، بىزگە تەسەللى بېرىدىغان، تېررورلۇققا لەنەت ئوقۇيدىغان باياناتلار بىزنىڭ جاراھەتلىرىمىزگە مەلھەم بولالمايدۇ» دېدى.

ئەردوغان غەرب ئەللىرىنىڭ شۇنچە كۆپ دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىماي، تېررورچىلارنىڭ كاتتىباشلىرىغا قارىتا ھېچقانداق كونكېرت قەدەم تاشلانمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەنلىكلىرىنى بايان قىلىپ: «مىڭلىغان پەرزەنتى تېررورىزمنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بىر خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن، قولى قان تەلۋىلەرگە كۆرسىتىلگەن بۇ كەڭ قورساقلارچە پوزىتسىيەنى ھەقىقەتەن چۈشىنەلمەيۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر