شىمالىي ئىراقتىكى تېررورلۇق ئۇۋىلىرى بىتچىت قىلىندى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مەتىنا، ھاكۇرك، قاندىل ۋە گارا رايونلىرىدىكى تېررورلۇق نۇقتىلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىپ، 29 دىن ئارتۇق نىشاننى بىتچىت قىلدى.

2045007
شىمالىي ئىراقتىكى تېررورلۇق ئۇۋىلىرى بىتچىت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىترلىقى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق نۇقتلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، «بۇ كېچە تۇيۇقسىز ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلدۇق، بىتچىت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، كۈرىشىمىز ئەڭ ئاخىرقى بىر تېررورىست يوقىتىلغىچە داۋاملىشىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا ھەربىي ھەرىكەت توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك مەلۇماتلار بېرىلدى:

«پ ك ك|ك ج ك تېررورىستلىرىنى يوقىتىش، ئىراقنىڭ شىمالىدىن خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىزگە قارىتىلىدىغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى توسۇش ۋە چېگرا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، ب د ت كېلىشىمىنىڭ 51-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قانۇنلۇق مۇداپىئە ھوقۇقىمىز بويىچە ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مەتىنا، ھاكۇرك، قاندىل ۋە گارا رايونلىرىدىكى تېررورلۇق نىشانلىرىغا 1-ئۆكتەبىر (2023) ئەنقەرە ۋاقتى 21.00 دە ھاۋادىن زەربە بېرىلدى. ئىچىدە تېررورچىلارنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان غار، پاناھلىنىش جايلىرى ۋە ئىسكىلاتلاردىن تەركىپ تاپقان 20 دىن ئارتۇق نىشان بىتچىت قىلىندى.»

باياناتتا، ھەرىكەت جەريانىدا بىگۇناھ پۇقرالار، دوستانە نۇقتىلار، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن كۈچلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

بۇ جەرياندا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىستانبۇل ۋە كىرىكلارەلىدە 26 جايدا بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 20 دىن ئارتۇق ئەزاسىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۈنۈگۈن (1-ئۆكتەبىر) پايتەخت ئەنقەرەدە تېررورلۇق ھۇجۇمى پەيدا قىلغانلارنىڭ بىرسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر